ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەق يول بىلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. يوقاپ كەتمەي پات- پات كىلىپ زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ. بلوگىمىز داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.

2009-10-26

PostHeaderIcon ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى خرىستىيان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت ئادىتى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىيانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاۇشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەمنىڭ كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا « ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق» دېگەن. يەنە « ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق» دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىڭى يىل بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسىلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: « ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر» دېگەن. كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كىيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچراشتىكى مەخسۇس تەرەپلىرىنى دوراپ ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش.» (ئىقتىزائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1/207).
شەيخۇلئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىنى قىلىشى ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنى تائام، كىيىم، يۈرۈش – تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلىرىنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرىشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى لازىم» (25/329 پەتىۋالار)
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن« خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمان ئادەم ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ».
1- شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: « يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش ئېقىمى كۆپ، ئۇلار قىپ قىزىل كىيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى قىلىش جائىز ئەمەس. بۇ مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام ئاشىق-مەشۇقلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش – ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا باشقىچە ئىش قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
2-پەتىۋا كومىتېتى خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ41 –كۈنى ئـۆتكۈزىلىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە :
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
دەپ سورالغىنىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا روزا ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكتىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى ھارام. مۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇ م قىلغۇچىلاردۇر. مۇنداق كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام – بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش – نى سادىر قىلغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا:« ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر».
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
مۇنداق پىتنە – پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقا، كۇففارلارنىڭ پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان ئادەم مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە – يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار « غەزەب قىلىنغان» ۋە « يولدىن ئازغانلار» لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك بولۇپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھتىن ياردەم سوراپ دىنىدا سابت بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەتچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن».
3- ئىبنى جۇبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا، مۇنداق دېگەن:
(1) مۇنداق بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
(2) مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن « كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ» .
(3) مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر – ئايال ھارام ئارىلىشىلار، تاماشا، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىق ھاراملار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن قېچىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارنى قىلىش ھارام.
شۇڭا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشال بولغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا دەيمىزكى، ئەي مۇسۇلمان قېرىنداش! قايسىبىر خرىستىئان ياكى قايسىبىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇنى قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىزگە ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بىلەمسىز!؟ ئۇلار سىزنى سۆيمەيدۇ، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدۇ! ئەمما سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دورايسىز!!!!!! بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟؟؟؟

مەنبەسى: مەرىفەت تور بېكىتى

PostHeaderIcon ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ

ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ· ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯞﻩ " ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ " ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﺟﺪﺳﯩﺘﻮﯞ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ، ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺗﯜﻧﻪﻙ ....ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻮﺭﯗﭖ ، ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻼ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺴﺎﻕ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰﺑﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭﯨﻐﺎﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، " ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﺶ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍﺑﯘﺧﯩﻞ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ ﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﺩﺍﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ، ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ بېخرامان ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗﻳﯜﺭﺳﻪ ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ " ﺗﻮﻏﺮﺍﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﯩﯖﯩﺰ " ، ﺳﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺭﺟﻪﺱ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﻧﻪﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ ؟ ﮬﻪﺗﺘﺎﺳﯩﺰﺧﻮﺭﺍﺯﭼﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺑﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭ ؟ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﯧﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺟﯩﻨﯩﺲ ﺋﺎﺩﻩﺕ ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻣﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻤﯘ ؟ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ : ﺷﯘﻣﯘ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ؟ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻧﻼ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ، ﻳﻪﻧﻪﺋﯘﻧﻰ - ﺑﯘﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ؟ - ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻻﺭ . ﺭﺍﺳﯩﺖ ! ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ، ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻣﺪﯗﻕ ؟ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺦ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ، ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺮﯨﭗﻛﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻣﺪﻩﻙ ﺧﻮﻳﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ .... ... ...... ... ..." ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ " ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ:
1.ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:80-ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺋﻪﯞﺭﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰﺋﯚﺗﻜﻪﻥﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ، ﺳﯘﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،، `ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺋﻪﯞﺭﺍﻏﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻳﺎﻗﻤﺎﻱﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ، ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ : ﮬﻪ ﻏﻮﭘﯘﺭﻛﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺴﻪ ﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ... ﺩﻩﭘﺘﯘ .. ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺋﻪﯞﺭﺍ ﮬﻪ ﺋﯘﻛﺎ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﯕﺴﺎ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﺎﯕﺴﺎ ، ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻪﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﯘ ﺗﺎﻧﺴﺎ ......ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ، ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺗﺎﻧﺴﺎﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﻏﻪﺭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﯓ ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ . ﺑﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﻻﻱﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻕ .. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺷﯘﻻﺭ ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵﺋﯩﺪﻯ .. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯩﻨﯩﺸﻘﺎﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ..ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯘﻧﯩﻴﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﺩﻩ ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ... ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩﺗﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﭖﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ .... ﺑﻮﻟﺴﺎﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﺗﺎﻧﺴﯩﻜﻪﺵ ﺑﯩﭽﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺳﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ......2-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺗﯘﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ:ﺋﺎﺗﺎ ،ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ "ﺗﯧﻨﯩﺶ،ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺵ ﻣﻪﻧﯩﺴﺪﻩ "ﺋﻪﺭ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻳﯩﮕﯩﺖ ،ﻗﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯘﭼﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ،ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ، ﻏﻮﺭﯗﺭﺩﯨﻦ ،ﺗﺎﻧﺴﺎ ،،،،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ !ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻧﻤﺎﺱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.3-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﮔﻪﭖ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭ . ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﯘﺷﻰ. ﯰ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ، ﺷﻪﺭﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪﻛﺎﺭﯨﻢ!!! ﻣﻪﻥﯮﻳﻨﺎﻳﻤﻪﻥ ، ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻗﯧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻣﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯮﻳﻨﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥﺩﯨﻴﻪﻟﻪﻣﺪﯗ؟4-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ، ﯮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ . ﯰﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﯗ؟ ﯲﺯ ﯪﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ، ﭘﯩﻘﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪ "ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ" ﯮﻟﺘﯘﺭﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ!!!! ﺗﻮﯞﺍ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﯪﻣﻤﯩﯟﻯﯬﺳﻠﯩﻬﻪ(ﯬﺳﻠﻰﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮﻩﻙ ﯪﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ) ﻣﯩﺪﯗ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ؟ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺴﺎ ﯬﺧﻼﻗﻰ ﺑﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ. ﯬﺧﻼﻕ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ...... ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ .
5-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﺋﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﯩﺰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮﻩﺭﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ-ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﺎﻧﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ.ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻦﭼﯜﺷﻤﻪﻱﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ "ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ"ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﺋﯘﻳﺎﻥ- ﺑﯘﻳﺎﻧﻐﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.(ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ)ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﯕﻼﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ،ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺩﻩﯞﯦﺮﻩﻱ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺴﺎﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻗﻮﻧﭽﺎﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ-ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻧﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺪﯗ6-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ .ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵﺋﯩﺪﻯ.ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﺑﯩﻼﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ،ﮬﺎﻻ ﺑﯘﮔﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ،ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶﻏﻪﺭﯨﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﻤﯩﺴﺎﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﻮﺭﯗﻥﻗﯩﺰﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ.ﺑﯘﻧﯩﯔﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﯨﻤﯩﺰ؟ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯜﺭﻩﻣﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﻰﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ؟ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ:ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ،ﺋﺎﺷﯘ ﭼﻪﺕﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ.ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺕﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ7-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧىدا 6 ﻳﺎﺷﻼﺭ ﭼﺎﻣﯩﺴﯩﺪﻛﻰﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﭘﺎﯕﯖﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﻠﯟﻩﺗﺘﻰ .ﻳﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﯘﭖ -ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯘﻟﺪﯗﯓ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﻪﻥ -ﺩﻩﭖ ﺳﯘﺭﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺴﻪﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ --ﺩﺍﺩﺍ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎﺋﺎﭘﺎﻣﻨﻰ ﮬﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﺎﺗﯩﭗﺋﻪﻛﯩﺘﯩﺪﯗ؟ ﻣﻪﻥ ﻗﯘﻗﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ -- ﺩﯨﺪﻯ ﺋﯩﺴﻪﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ. ﻗﯩﺰﻧﯩﯔﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﻗﺎﮬﻼﭖ ﻛۈﻟۈﭖﻛﯩﺘﯩﭗ - ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻗﯘﻗﻤﺎ ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﭘﺎﯕﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﮬﯩﭻ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﭘﺎﯓ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ-ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﮭﯩﺘﻰ.8-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ،. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﻨﻰ ﺩﻩﭖﺑﯧﺮﻩﻱ.ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻣﻤۇ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻴﺘﺘﯩﻢ، ﺑﯩﺰﻧﻰﻳﯘﻗﯩﺮﻯﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ، ﺷﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻢ، ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪﻳﯩﺮﺍﻕﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮﺍق ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻢ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺑﯘ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺳﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﯓﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﯨﻦﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭ ﮬﯩﺴﺴﻴﺎﺗﺘﺎ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﻡ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﻛﯜﻧﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥﺗﺎﻧﺴﯩﺪﯨﻦﺋﯜﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ، ﺑﯩﻜﺎﺭﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﻛﯜﭘﻪﻳﺪﻯ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯜﺭﯛﺷﻜﻪﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻣﺴﯩﺰ، ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰﻳﻪﻣﭽﯜﻙ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯘ؟ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﭼﯩﯟﯨﻦ ﻳﯩﻐﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﻧﺪﻩﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺶﺑﯩﻠﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻧﺎﺩﺍﻥﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﭖ-ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟؟؟ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ، ﻧﺎﯞﺍدا ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎﺋﯘﻗﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻳﻪﻧﯩﻼﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺪﺍ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺯﻟﻪﭖﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ، ﺗﺎﻛﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﯘﺋﯩﺶ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻗﯘﻝ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮬﻪﻱ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭﺗﺎﻧﯩﺴﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﺑﻪﺧﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﺴﯩﻠﻪﺭﻣﯘ؟ ....http://jilwe.blogbus.com/logs/31356817.html مەنبە

ئۇقتۇرۇش

ھەق يول
Essalamu eleykum qerindashlar! Heqyol islam blogi blogdiki bezi ixtidarning kemchilliki we sighimining kichikligi tupeyli blogdin muqim boshluqqa köshti. muqim adirsimiz www.heqyol.cn insha allah bundin kiyin yèngi adirsqa kilishingizni tewsiye qilimen. Hörmet bilen: Heqyol
Visa hela min profil

Alaqe qiling

Ziyaret sani, We Orni

Free Hit Counters