ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەق يول بىلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. يوقاپ كەتمەي پات- پات كىلىپ زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ. بلوگىمىز داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.

2009-10-28

PostHeaderIcon ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن بىزەلگەن رەسىملەر










PostHeaderIcon خىتتايلارنىڭ رەزىل پىلانى ۋە قاراڭغۇ كېچىدىكى تازىلاش ھەركىتى

PostHeaderIcon ئاللاھقا شۈكرى

PostHeaderIcon كەبىنىڭ ئىچى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! بۇ بولسا كەبىنىڭ ئىچ كۈرنۈشى بۇلۇپ. بۇ كۈرنۈشنى يان تېلېفۇندا سۆرەتكە ئالغان بولغاشقا دىگەنكىدەك سۈزۈك ئەمەسكەن. شۇنداق بولسىمۇ كۈرۈپ باققايسىلەر.

PostHeaderIcon دانىيەلىك كىلىن

دانىيەلىك كىلىن 1- قىسىم




دانىيەلىك كىلىن 2- قىسىم


PostHeaderIcon پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قوغدايلى!

ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىر زامان خەلقىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەنلىكى ئېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن، خۇراپاتلاردىن ) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان بىلەن سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى ». « (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر». مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن كاتتا رەھمەت ئېدى. « (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق».
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېسىل نەسەبلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە ھەر ئىشتا ئۈلگىلىك زات ئېدى. ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقى ۋە جىمى سۈپەتلىرى ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلاردا قەيت قىلىنغان ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئالاھىدە بىشارەت بەرگەن ئېدى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈشنى كاتتا ئىبادەت قاتارىدىن سانىدى ۋە ئاللاھ تائالانى سۆيگەنلىكنىڭ ئالامىتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىش قىلىپ بەلگىلىدى. «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا)ئېيتقىنكى « ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى )گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ جەننىتىگە بارىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئەگىشىشتىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىغان ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگەن كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر. «كىمكى ئىسلام ( دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر».

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە،ئۇنى قوللاشقا، ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ھەم ئۇنىڭ يولىغا جاننى، مالنى ئاتاشقا بۇيرىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن شانلىق ۋەزىپە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنى تارقىتىش، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ دىنىنى قوغداش ھەم ھېمايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى يۈزىنى خەلقى ئالەمگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ ئالالمايدىغان بۇرچىدۇر. غەرب دۇنياسىدا ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق پات – پات سۆزلىنىپ تۇرىدىغان نالايىق سۆزلەر ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئىسلام پەيغەمبىرىنى تونىمىغانلىقى، بىلمىگەنلىكى پەقەت چىركاۋلارنىڭ بۇرۇندىن بىرى توقۇپ كەلگەن يالغان – ياۋۇداق تۆھمەتلىرىگىلا ئىشىنىپ، ئىسلام ھەققىدە ھېچ ئىزدەنمەستىن، چۈشەنمەستىن ۋە راست - يالغاننى ئايرىماستىن ئېيتىلغان بولۇپ كەلمەكتە.
كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى يۈزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قۇرۇق ۋەز تەبلىغلار كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە ۋە جىمى كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ۋە ئىزچىل ئەمەل قىلىشى ۋە پۈتۈن دەۋەت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ كىشىلەرنى بۇ دىنغا چاقىرىشى بىلەن بولىدۇ. ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرۇشمۇ ئەڭ ئۆنۈملۈك ۋە تولىمۇ مۇھىم بىر دەۋەتتۇر. شۇڭا بىز ئەڭ ئاۋۋال دىنىمىزغا ئەمەل قىلىشىمىز، ئاندىن ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ دىنغا دەۋەت قىلىشىمىز لازىم. ئاسىيا قىتئەسىدە ۋە دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلاردا ئىسلام دىنىنى تۇنجى قېتىم تارقاتقان كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇسلىقى، توغرىلىقى، ھەققانىيلىقى ۋە ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە جەلب قىلىش ئارقىلىق دەۋەت قىلغان.
ۋاتىكان پوپى پېندىكتوس 16گېرمانىيەنىڭ راتىسبون شەھرىدە بۇيىل 12سىنتەبىر كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا، 14 – ئەسىردە ئۆتكەن بىزانتىيە ئىمپىېراتورىنىڭ « مۇھەممەد ئىنسانىيەتكە نېمە يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى؟ ئىسلام قىلىچ بىلەن تارقىغان» دېگەنگە ئوخشاش تۆھمەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان ناچار سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىبىنى تاشۇردى. بۇ بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەنلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب رادېكال خرىستىئانلىقىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلارغا بولغان دۈشمەنلىكى، ئۇرۇش خومارلىقى ۋە ھەقسىزلىكىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ۋاتىكان پوپى بىزانتىيە ئىمپىراتورىغا ئارتىپ تۇرۇپ ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلدى. نېمە ئۈچۈن ئۇ بىزانتىيە ئىمپىېراتورىنىڭ« ئەگەر كىشىلەردە مۇنازىرە ئۆتكۈزۈش ۋە ھەقىقەتنى ئىزدەش روھى بولىدىغان بولۇپ مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلسە، ئۇلار چوقۇم ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىغا قايىل بولغان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق بىر دىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى»دېگەن مەشھۇر سۆزىنىمۇ نەقىل كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى بۇ سۆز ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن پوپ ۋە ئۇنىڭ يانداشلىرىغا ياقمايدۇ -دە.
گېرمانىيىلىكلەر يەھۇدىيلارنىڭ كىشىلەرنى خورلىشىغا چىداپ تۇرالماي، يەھۇدىيلاردىن يېتەرلىك ئىنتىقام ئالغان بولسىمۇ، ئەزەلدىن مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلغان ئەمەس، پەقەت ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان چوڭ سوھيونىزم (يەھۇدىي قىساسچىلىرى)نىڭ بېسىمى ئارقىسىدا ۋاتىكان پوپلىرىمۇ ئامېرىكا ئاقسارايىدىكى كاتتىباشلىرىنى مەمنۇن قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئازسانلىق مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرنى كۈشكۈرتۈپ مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر تۆھمەتلەرنى ئىسلام دىنىغا ئارتقان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىبىنى تاشۇرغان. بۇ ئىشنى باشلاپ بەرگەن كىشى ئامېرىكا رەئىسى بۇش ئېدى. بۇشتىن كۈچ ئالغان ئۆتكەن يىلى دانىيەلىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەجۋى رەسىملەردە تەسۋىرلەش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ غۇرۇرىغا تەككەن ئېدى. بۇ قېتىم ۋاتىكاندىكى پوپ بۇ خاتا سۆزى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى، ھەتتا خرىستىئان دۇنياسىنىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. چۈنكى دۇنيادا ھازىر دىنلار ئارا يېقىنلىشىش، بىر – بىرىنىڭ ئەقىدىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە بىر – بىرىگە يول قويۇش يولىدىكى سۆھبەتلەر، دىيالوگلار تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ۋاتىكان پوپىنىڭ مۇنداق ناھەق سۆزنى قىلىشى ھەممىنى ئاستى – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئەلۋەتتە بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا چوڭ مۇتتىھەم دۆلەتلەرنىڭ قولى بار.
ھەر ھالدا ۋاتىكان پوپى بۇ سۆزى ئۈچۈن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىن ئۆزۈر تىلىشى كېرەك ئېدى. ھازىرغىچە رەسمىي شەكىلدە ئۆزۈر تىلىگىنى يوق. پەقەت ئۆزىنىڭ شۇنداق ناچار ۋە ناھەق سازلەرنى قىلىپ قويغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىر قانچە قېتىم ئىپادىلىگەن بولدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتلىرى ۋە جامائەتلىرى ۋاتكان پوپىنىڭ رەسمىي تۈردە ئوچۇق ئۆزۈر تىلشىنى تەلەب قىلپ تۇرماقتا.
توغرا بىلەن خاتا ۋە ھەق بىلەن ناھەقچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپى كۈرەش تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا تېپىلىدۇ. ئۇلارغا ۋاقتىدا ئورۇنلۇق رەددىيە بېرىش مۇسۇلمانلارنىڭ، خۇسۇسەن ئۆلۈمالارنىڭ بۇرچىدۇر. لېكىن مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ دۈشمەنلەر تارقاتقان ئىغۋالارغا، تۆھمەتلەرگە ۋە يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ئۆز دىنىغا مەھكەم بولۇپ، دىنىنى ۋە پەيغەمبىرىنى قوغداشتا غۇرۇرلۇق بولىشى تەلەب قىلىنىدۇ. پوپلار ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئاقسارايدا ئولتۇرۇپ دۇنيانى ئۆرۈپ چۆرۈيدىغان كاتتىباشلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇلىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق يالغان سۆزلەرنى دىن نامىدىن قىلىۋېرىدۇ. شۇڭا ئۇلار چېرىكلەشكەن، شۇڭا چېركاۋلار ياۋروپادا ھۆررىيەت ئىزدىگەنلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىسى بولۇپ كەلگەن. ئەمما قايسىسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان غەرب ئاۋاملىرى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقلى بىلەن ئىزدىنىشى، ھەقىقەتنى ئىزدىشى ۋە ئەقىل بىلەن ۋىجداننىڭ ئاۋازىغا قولاق سېلىشى لازىم.
ئۆزىنى كاتتا ئالىم ھېسابلاپ تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز قالغان پوپ جانابلىرىغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز:
1- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنى ئىنسانلارغا، ھايۋانلارغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنۇشنىڭ خۇراپاتىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادە قىلىشتەك ئىنسانىي ھۆرمەتكە چىقاردى.
2- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىنى ئازات قىلدى. دىنلارنىڭ زورلۇق- زومبۇللۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇردى.
3- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. ئىنسانلارغا بىر – بىرىنى كەچۈرۈشنى، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەتتى. قۇرئان كەرىمنىڭ «دىندا كىشىلەرنى ئۇنىڭغا كىرىشكە زورلاش يوق» دېگەن پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆردى. كىشىلىك ھوقۇقنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى ۋە مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرنىڭمۇ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئەسىرلەرنى خورلىماسلىق پرىنسىپلىرىنى ئەمەلىي رەۋىشتە تەتبىق قىلدى. ھازىرمۇ بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان يەھۇدىي، خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنلار مەنسۇبلىرى تەڭلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە ھۇزۇر سۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ ئىسپانىيەدە مۇندىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان « ئىرقىي قىرغىنچىلىق»نىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، تارىخ بۇنىڭغا شاھىدتۇر.
4- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن شەپقەت ئۆلگىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇچار قۇشلاردىن تارتىپ ھايۋانلارغىچە رەھمەت ۋە شەپقەتنىڭ ئەلچىسى ئېدى. ئىسلام نەزەرىدە ھايۋانلارنى ئازابلاشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
5- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئىلگىرىكى جىمى پەيغەمبەرلەرنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە سۆيۈشنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك نەمۇنىلىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەردىن بېرەرسىنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن جىمى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى قىلىپ بېكىتتى. چۈنكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ غايىسى، دەۋىتى بىر ئېدى.
6- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتا ئەڭ ئۆلمەس نەمۇنىلەرنى ياراتتى. ئىنسانلار ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن، مىللىتى، رەڭگى، تىلى ۋە دىنى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدىن سانىدى. بۇ ماۋزۇدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشىدىن 3ئاي ئىلگىرى ئوقۇغان ۋىدا خۇتبىسى يېتەرلىكتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىدا كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىگە، ئار – نومۇسىغا تېگىشنىڭ كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلىگەن ئېدى. بۇ تەخمىنەن 633- مىلادىيە يىلى ئېدى. ئۇ زامانلاردا كىشىلەر قانۇن – تۈزۈم دېگەنلەرنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئېدى. ئىنسانلار تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن قانۇنلار 1215 – مىلادىيە يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. 1627- مىلادىيە يىلىغا كەلگەندە كىشىلەر «ھەق – ھوقۇق» دېگەننى تونۇغان بولسا، 1789- يىلى «ئىنسان ھەقلىرى ۋە گرەجدانلىق ھەققى» دېگەن بايانناما يېزىلغان. 1948- يىلىغا كەلگەندە ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى خەلقئارادا رەسمىي تۈردە ئېلان قىلىنغان.
7- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ شەنىنى كۆتۈردى. راستچىللىق، ۋاپادارلىق، نومۇسچانلىق ۋە باشقىمۇ ئېسىل ئەخلاقلارنى ئىماننىڭ بىر پارچىسى، ئىنساننىڭ تاكامۇللىقى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق ئەدەپ – ئەخلاققا، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا، تۇغقانلارغا سىلە – رەھىم قىلىشقا، ھايۋانلارغا رەھىم قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك ۋە باشقىمۇ يامان ئەخلاقلاردىن، ناچار قىللىقلاردىن يېراق بولۇشقا چاقىردى.
8- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىشكە، كائىناتنى كەشىپ قىلىشقا، يېڭىلىقلارنى ئېچىشقا تەشەببۇس قىلدى. ياۋروپادا گالىلى گالىلو يەرشارىنى يومۇلاق دەپ ئېلان قىلغىنى سەۋەبلىك چىركاۋ زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان چاغلادا، ئىسلام دۇنياسىدا ئىبنى رۇشدى، خارزمى، ئىبنى ھەيسەم، فارابى، ئىبنى سىنا قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەر بىرى مېدىتسىنا، جۇغراپىيە، خېمىيە، ماتېماتىكا، بيولوگىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىم – پەنلەرگە تۇنجى بولۇپ ئۇل سالغان ۋە دۇنياغا ئېلان قىلغان كىشىلەر بولۇپ تونۇلغان ئېدى.
9- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىگە تامامەن مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىدىغان، ئىنسانى ھەۋەسلىرىنى –باشقا دىنلارغا ئوخشاش – بوغۇپ قويماستىن، مەلۇم پرىنسىپلار ئاستىدا قاندۇرىدىغان، روھ بىلەن نەپىس ئىككىسىنىڭ ئىستەكلىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى مۇناسىپ ھالدا ھەل قىلىدىغان، مەدەنىيەتلىك، ئىلغار ۋە ھەر قانداق ئەسىرنىڭ شارائىتىغا، يۈكسەك تەرەققىياتىغا تولۇق ماسلىشىدىغان بىر دىننى ئېلىپ كەلدى. شۇ سەۋەبتىن بۇدىن ئىلىم – پەن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئىزدىنىش ماۋزۇسى ۋە كۆڭۈل ھەۋىسى بولۇپ كەلمەكتە.
10- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن دۇنياغا ئىنسانىي قېرىنداشلىقنىڭ ئەڭ ئۆچمەس ئۈلگىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ «ئىنسانلار خۇددى تارغاقنىڭ چىشلىرىغا ئوخشاش ھەممە بىردەك باراۋەردۇر»دېگەن ئۆلمەس شۇئارنى ياڭرىتىپ چىقىش بىلەن ھەق – ھوقۇقتا، ھۆرمەتتە، دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەشتە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى، ئىنسانلىقتا ھەممە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى. ئىنسانلار ھەقىقىي ئىنسانىي قېرىنداشلىقنىڭ ھۇزۇر – ھالاۋىتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ سايىسىدا تېتىدى. رىملىق سۇھەيب، ئىرانلىق سەلمان، ھەبەشىستانلىق بىلال قاتارلىق زاتلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ساھابە(قولداش)بولۇپ سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئەرەب ۋە باشقا پۈتۈن مىللەتلەرگە ئۈلگە بولغان ھالدا تا ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ نامى تىللاردا سۆزلەنمەكتە، روھلىرى دىللاردا يادلانماقتا.
ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن ۋە مۆمىنلەرنى ئىمانىدا مۇستەھكەم قىلسۇن ئامىين.

http://www.merifet.net/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=296

ئۇقتۇرۇش

ھەق يول
Essalamu eleykum qerindashlar! Heqyol islam blogi blogdiki bezi ixtidarning kemchilliki we sighimining kichikligi tupeyli blogdin muqim boshluqqa köshti. muqim adirsimiz www.heqyol.cn insha allah bundin kiyin yèngi adirsqa kilishingizni tewsiye qilimen. Hörmet bilen: Heqyol
Visa hela min profil

Alaqe qiling

Ziyaret sani, We Orni

Free Hit Counters