ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەق يول بىلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. يوقاپ كەتمەي پات- پات كىلىپ زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ. بلوگىمىز داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.

2009-10-26

PostHeaderIcon ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى خرىستىيان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت ئادىتى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىيانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاۇشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەمنىڭ كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا « ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق» دېگەن. يەنە « ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق» دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىڭى يىل بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسىلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: « ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر» دېگەن. كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كىيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچراشتىكى مەخسۇس تەرەپلىرىنى دوراپ ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش.» (ئىقتىزائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1/207).
شەيخۇلئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىنى قىلىشى ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنى تائام، كىيىم، يۈرۈش – تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلىرىنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرىشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى لازىم» (25/329 پەتىۋالار)
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن« خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمان ئادەم ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ».
1- شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: « يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش ئېقىمى كۆپ، ئۇلار قىپ قىزىل كىيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى قىلىش جائىز ئەمەس. بۇ مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام ئاشىق-مەشۇقلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش – ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا باشقىچە ئىش قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
2-پەتىۋا كومىتېتى خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ41 –كۈنى ئـۆتكۈزىلىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە :
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
دەپ سورالغىنىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا روزا ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكتىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى ھارام. مۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇ م قىلغۇچىلاردۇر. مۇنداق كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام – بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش – نى سادىر قىلغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا:« ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر».
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
مۇنداق پىتنە – پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقا، كۇففارلارنىڭ پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان ئادەم مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە – يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار « غەزەب قىلىنغان» ۋە « يولدىن ئازغانلار» لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك بولۇپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھتىن ياردەم سوراپ دىنىدا سابت بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەتچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن».
3- ئىبنى جۇبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا، مۇنداق دېگەن:
(1) مۇنداق بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
(2) مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن « كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ» .
(3) مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر – ئايال ھارام ئارىلىشىلار، تاماشا، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىق ھاراملار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن قېچىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارنى قىلىش ھارام.
شۇڭا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشال بولغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا دەيمىزكى، ئەي مۇسۇلمان قېرىنداش! قايسىبىر خرىستىئان ياكى قايسىبىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇنى قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىزگە ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بىلەمسىز!؟ ئۇلار سىزنى سۆيمەيدۇ، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدۇ! ئەمما سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دورايسىز!!!!!! بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟؟؟؟

مەنبەسى: مەرىفەت تور بېكىتى

0 ئىنكاس:

Skicka en kommentar

ئۇقتۇرۇش

ھەق يول
Essalamu eleykum qerindashlar! Heqyol islam blogi blogdiki bezi ixtidarning kemchilliki we sighimining kichikligi tupeyli blogdin muqim boshluqqa köshti. muqim adirsimiz www.heqyol.cn insha allah bundin kiyin yèngi adirsqa kilishingizni tewsiye qilimen. Hörmet bilen: Heqyol
Visa hela min profil

Alaqe qiling

Ziyaret sani, We Orni

Free Hit Counters